ياڭ جەنلىنىڭ ئاكىسى ۋە ئادۋوكاتىنىڭ شەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بەش يىل بۇرۇن تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلغان ۋە خىتايغا قانۇنسىز كىرگەن دەپ قولغا ئالغان خىتاي دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى ياڭ جەنلىنى قويۇپ بەرگەن. ياڭ جەنلى ئامېرىكىدا داۋاملىق تۇرۇش رۇخسىتىگە ئىگە خىتاي پۇقراسى بولۇپ، مەركىزى ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدىكى "21 ئەسىردە خىتاي" تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى. ياڭ جەنلى 2002-يىلى بىر دوستىنىڭ پاسپورتى بىلەن خىتايغا كىرگەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى تۇتۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نازازىلىقلىرىغا قارىماي، تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلغان ۋە خىتايغا قانۇنسىز كىرگەن دەپ ئەيىبلەپ، تۈرمىگە قامىغان ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ياڭ جەنلىنىڭ مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قايتا- قايتا ياڭنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلپ كەلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياڭ جەنلىگە ئامېرىكىغا، ئايالى ۋە بائىلىلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن پاسپورت بېرىپ- بەرمەيدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.
ياڭ جەنلىنىڭ ئاكىسى، رويترىس ئاگېنتلىقى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبتىدە، ياڭ جەنلىنىڭ دادىسىنىڭ مازارىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن شەندوڭ ئۆلكىسىگە كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ياڭ جەنلىنىڭ دادىسى ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سوتقا ئەرز سۇنۇش مەقسىدىدە 2005- يىلى ئامېرىكىدىن خىتايغا بېرىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي خىتايدا قازا قىلغان ئىدى. (قانات)