ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: پادىشاھ ئاكىخىتو ئۇرۇش قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشى كېرەك


2006.01.29

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياپونىيە پادىشاھى ئاكىخىتونى ئۇرۇش قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشقا چاقىردى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيە باش مىنىسىتىرىنى بۇ قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلدى دەپ ئەيىبلىشىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارو ئاسو شەنبە كۈنى بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، بۇ قەبرىستانلىقنىڭ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا قازا قىلغان 2 يېرىم مىليون ياپون ئەسكىرىنىڭ شەرىپىگە سېلىنغانلىقىنى ھەمدە خىتاينىڭ ياپونىيە باش مىنىستىرى جۇنىچىرۇ كويزۇمىنى بۇ يەرنى زىيارەت قىلغان دەپ ئەيىبلىشىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تارو ئاسو سۆزىدە يەنە، بۇ قەبرىستانلىقتىكى ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ ياپونىيە پادىشاھىغا سادىقلىق بىلەن شېھىت بولغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ياپونىيە پادىشاھى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

نۆۋەتتىكى ياپونىيە پادىشاھى ئاكىخىتو 1989‏- يىلى تەختكە چىققاندىن بۇيان، بۇ قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى. خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيە دۆلەتلىرى بولسا، توكيودىكى بۇ ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىغا كۆمۈلگەن ئەسكەرلەرنى 2‏-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى دەپ قارىغاچقا، ئۇلار ئىزچىل ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ بۇ يەرنى يوقلىشىغا قارشى چىقتى. ئەمما ياپونىيە باش مىنىستىرى جۇنىچىرۇ كويزۇمى قارشىلىقلارغا قارىماي ھەر يىلى دېگۈدەك بۇ قەبرىستانلىقنى يوقلاپ تۇردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.