خىتايدا ياپونىيە دۈشمەنلىكى يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ سەيشەنبە كۈنى ياپونىيىنى "تارىخ بىلەن يۈزلىشىش" كە چاقىردى. ئامما شۇ كۈنى ياپونىيە سودا مىنىستىرى، خىتاينى "قورقۇنچلۇق دۆلەت،" دەپ ئاتىغان.
ياپونىيە، ب د ت نىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بولۇش يولىدا تېرىشىۋاتقان بىر چاغدا، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئىشغالىيەت ھەرىكىتىنى بۇرمىلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن ياپونىيە ھۆكۈمىتى، خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ ياپونىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ۋە خىتايدىكى ياپونىيە نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىگە دۇچ كەلمەكتە ئىدى.
ياپونىيە "يۇمىرو شىنبونە" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى ئىككى چوڭ ماگىزىن ياپونىيىنىڭ ئاساخى پىۋىسى بىلەن ئاجىنوموتو يىمەك - ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلغان. خىتايدىكى بىر تىجارەتچىلەر جەمئىيىتى، ياپونىيە مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىلغان بايقۇتنى كېڭەيتىشكە چاقىرغان. يېڭى دېھلىدا توكيونى " تارىخ بىلەن مەردانىلارچە يۈزلىشىشكە" چاقىرغان ۋېن جياباۋ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمى ئەزالىقىنى تالىشىش مەسىلىسىدە ياپونىيىنىڭ چوڭقۇر ئويلىشىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ، "ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق ئويلاندۇرۇشى كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى.
ياپونىيە خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ 2004 - يىلدىكى سودا ھەجىمى 178 مىليارد دوللار ئىدى. ياپونىيە سودا مىنىستىرى ناكاگاۋا، ياپونىيە دۈشمەنلىكىنىڭ خىتايدىكى ياپونىيە كارخانىلىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، خىتاينى "قورقۇنچلۇق دۆلەت،" دەپ ئاتىدى.
خىتايلار ئۈچ كۈننىڭ ئالدىدىكى نامايىشدا ياپونىيە بايراقلىرىنى كۆيدۈرگەن، ياپونىيە ماشىنىلىرىنى ئۇرۇپ - چاققان، خىتايدىكى ياپونىيە شىركەتلىرىنى نىشانغا ئالغان شۇنداقلا بېيجىڭدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىنىڭ دېرىزىسىنى چېقىۋەتكەن ئىدى. ياپونىيە تەرەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەپۇ سورىشىنى شۇنداقلا كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىياننى تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئەپۇ سورىمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. (ئەركىن)