خىتاي ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ زىيارىتىنى بىكار قىلدى
2005.10.18
ياپونىيە باش مىنىستىرى جۇنىچىرو كويزومى تالاش- تارتىشتىكى ئۇرۇش قۇربانلىرى بۇزرۇكگاھىنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلغاندىن كىيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيشەنبە كۈنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نوبۇتاكا ماچىمۇرانىڭ بېيجىڭغا قىلىدىغان زىيارىتىنى بىكار قىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۇڭ چۈئەن " ھازىرقى ۋەزىيەتتە، بۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلالمايمىز" دېدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي، ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزومىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئۇرۇش قۇربانلىرى بۇزرۇكگاھىنى تاۋاپ قىلغانلىقىغا قەتئىي قارشى چىققان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋ شىڭ ياپونىيىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، كويزومىنىڭ بۇ پائالىيىتىگە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەن. خىتاي- ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىك بۇنىڭ بىلەن يەنىمۇ چوڭقۇرلاشقان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياپونىيىدىكى يەنە 200 گە يېقىن پارلامېنت ئەزاسى بىرلىكتە ئۇرۇش قۇربانلار بۇزرۇكگاھىنى تاۋاپ قىلدى. بۇ بۇزرۇكگاھقا ئىككى مىليون بەش يۈز مىڭ ئۇرۇش قۇربانلىرىنىڭ روھ تاختىسى قويۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى دەپ قارالغانلارنىڭمۇ نامى بار.
تەنقىدچىلەر، مەزكۇر بۇزرۇكگاھنى ياپونىيىنىڭ ھەربىي تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. ئەمما ياپونىيە باش مىنسىتىرى كويزومى بولسا، ئۇنىڭ ئۇرۇش قۇربانلىرى بۇزرۇكگاھىنى تاۋاپ قىلىشىنى، ئالدىنقى تاۋاپلىرىغا ئوخشاشلا تىنچلىقنى تىلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇنىڭ شەخسىي ئىبادىتىگە ئارىلاشماسلىققا چاقىردى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى، ياپونىيىنى تەنقىد قىلدى
- خىتاي ۋە ياپونىيە ۋۇيىنىڭ توكيو زىيارىتىنى بالدۇر ئاخىرلاشتۇرغانلىقى مەسىلىسىدە بىر- بىرىنى ئەيىبلىدى
- خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى يەنە جىددىيلەشتى
- ياپونىيە خىتاينى شەرقىي دېڭىزدا تەبىئىي گاز قېزىش مەسىلىسى بويىچە ئاگاھلاندۇردى
- ياپونىيە بىلەن خىتاي تاقىم ئاراللار مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزدى