ياپونىيە خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز نېفىتلىكىنى بىرلىكتە ئېچىش تەكلىپىنى رەت قىلدى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا بىرلىكتە نېفىت ئېچىش تەكلىپىنى رەت قىلدى. ياپونىيىنىڭ ئىچكى كابىت باشلىقى شىنزۇ ئابې "بۇ بىز قوبۇل قىلالايدىغان بىر تەكلىپ ئەمەس" دېدى.

بۇ خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز نېفىتلىكىنى ئېچىش مەسىلىسىدە ياپونىيە بىلەن ئېلىپ بارغان 4‏-قېتىملىق سۆھبىتى بولۇپ، بۇ نۆۋەت خىتاي تەرەپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشتىكى بىر قىسىم ئاراللارنىڭ ئەتراپىدا چەكلىك ھالدا نېفىت قىدىرىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى سۇنغان ئىدى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارو ئاسو چارشەنبە كۈنى ئىچكى كابېنت باشلىقىنىڭ باياناتىنى ئىلگىرلەپ چۈشەندۈرۈپ، ياپونىيىنىڭ خىتاي بىلەن سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئەتراپىدا گاز قىدىرىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش پىلانىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، " مەيلى تارىخىي كۆرىنىش ياكى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن بولسۇن، سېنكاكو ئاراللىرى شۈبھىسىز ياپونىيىنىڭ تېررىتورىيىسىگە تەۋە" دېدى.

نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بىر قەدەر جىددىي تۈس ئالغان بولۇپ، سېنكاكو ئاراللىرىدىكى ھەر قانداق بىر ئۇشتۇمتۇت ۋەقە ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋېتىشى مۇمكىن. گەرچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى 4‏- قېتىملىق سۆھبەتتە ھېچقانداق ئىلگىرلەش كۆرۈلمىسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭغا ئاكتىپ باھا بەردى. (پەرىدە)