ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې جۈمە كۈنى ياپونىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭنى قوبۇل قىلىپ، شىمالىي كورىيىنى يادرو قوراللاردىن خالى قىلىش شۇنداقلا شەرقىي دېڭىزدا تەبئىي گاز قېزىش قاتارلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تالاش - تارتىشتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.
سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە يېقىندىن ھەمكارلىششىشقا قوشۇلغان. لى جاۋشىڭ خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋتى تارىختىكى ئەڭ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بىر قانچە يىلدىن بېرى توكيونى زىيارەت قىلغان تۇنجى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدۇر.
كۈزەتكۈچىلەر، لىنىڭ زىيارىتى كېلەر ئايدا ياپونىيىنى زىيارەت قىلىدىغان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋغا يول ھازىرلاشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارىماقتا.
ياپونىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سۆھبەتتە شىنزۇ ئابې ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش - تارتىشتىكى شەرقىي دېڭىزدا تەبئىي گاز قېزىش مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى پائالىيىتى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز، دەپ تەكىتلىگەن.
خىتاي پاراخوتلىرى بۇ ئاينىڭ باشلىرى ياپونىيە ئىگىلىك ھوقۇقىدىكى رايونلار، دەپ جاكالىغان ئاراللار ئەتراپىدا تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ۋە ياپونىيە خىتاينىڭ بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشىنى ۋە ئەپۇ سوراشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ رايونلارنى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىكى ئاراللار، دەپ قارىماقتا.
سۆھبەتتە تەرەپلەر شەرقىي دېڭىزدىكى تەبئىي گاز زاپىسىغا ئىگە رايونلار ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشكە قوشۇلدى. لى جاۋشىڭ جۈمە كۈنى ياپونىيە تاشقىي ئىشلارمىنىستىرى تارو ئاسۇ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن سۆھبەت مەزمۇنى ھازىرغىچە ئاشكارىلانمىدى. (ئەركىن)