بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا ئاشلىق پىلان كومىتېتى 2005 - يىلىدىن باشلاپ، خىتايغا بېرىدىغان ئاشلىق ياردىمىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنگلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا ئاشلىق پىلان كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى جېمس موررىس ( James Morris) ئۇلارنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىدىكى سەۋەپنىڭ، خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى نامراتچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلالىغىدەك ئىقتىدارى بار بولغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۆتكەنكى 25 يىلدىن بۇيان، دۇنيا ئاشلىق پىلان كومىتېتى خىتايدىكى 35 مىليوندىن ئوشۇق كىشىگە ئاشلىق ياردىمى بېرىپ كەلگەن ئىدى. نۆۋەتتە خىتايدا زىيارەتتە بولىۋاتقان جېيمس موررىس ئەپەندى، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ قاتارلىق بىر قانچە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ تېزدىن ئاشلىق ياردەم بەرگۈچى دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرى، دۇنيا ئاشلىق پىلان كومىتېتى ياردەمنى توختاتقاندىن كېيىن، خىتاينىڭ يەنىلا باشقا يوللار بىلەن ياردەمگە ئېرىشىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (پەرىدە)