گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى يۈ فۇسەينىڭ داۋالىنىشىغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلدى
2006.06.18
نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلۇپ يېرىم پالەچ قىلىپ قويۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى يۈ فۇسەي، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشتى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، 47 ياشلىق يۈ فۇسەي خىتاينىڭ سەنشيا قۇرۇلۇشىدا ئۆي-زىمىنلىرىدىن كۆچۈرۈۋېتىلگەن پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن ئايدا گېرمانىيىدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ پۇقرالارغا يېتەرلىك تۆلەم ھەققى بەرمىگەنلىكىنى پاش قىلغانلىقى سەۋەبىدىن خۇ بېي ئۆلكىلىك ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن سوراققا تارتىلغان. شۇنداقلا ساقچىخانىدىن ئۆيىگە قايتىش يولىدا سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر نەچچە كىشى ئۇنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان.
يۈنىڭ ئوغلىنىڭ ئېيتىشىچە، تاياق زەربىسىدىن يۈ فۇسەينىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنۇپ يېرىم پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي يېتىشمىگەچكە ئاپىراتسىيە قىلىشقا ئامالسىز قالغان. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان گېرمانىيىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى يۈنىڭ ئاپىراتسىيىسى ئۈچۈن ئۇنىڭغا 60 مىڭ يۈەن پۇل ياردەم قىلغان.
نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا. شۇنداقلا گېرمانىيىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ 3 نەپەر خادىمى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى يۈ فۇسەي تۇرۇشلۇق دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئۇنى يوقلىغان. يۈنىڭ ئوغلى پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنىڭ دادىسى ياتقان ياتاقنىڭ ئالدىدا كۆزىتىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي يەنە بىر ئۆكتىچى يازغۇچىنى قولغا ئالدى
- ئانگېلا ماركېل خىتاي باش مىنىستىرى بىلەن ئىران ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى
- ئانگېلا ماركېل خىتاي - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن
- خىتايدا ئىككى نەپەر ئۆكتىچى ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن
- خىتاي ئۆكتىچىسى ئۇزۇن يىل نېرۋا كېسەللەر دوختۇرخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى