خىتايدا يۈز بەرگەن توپىلاڭدا 80 قا يېقىن ساقچى يارىلاندى
2005.04.11
يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى دوڭياڭ شەھىرىنىڭ خۋاشۈي رايونىدا دېھقانلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قاتتىق توقۇنۇشلاردا 80 قا يېقىن خىتاي ساقچىسى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارى يارىلاندى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى كالتەكلەر بىلەن قوراللانغان خىتاي ساقچىلىرى، ياشانغان ئاياللار تەرىپىدىن رايوندا بىر خىمىيە كارخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايشنى قاتتىق قوللۇق بىلەن تارقىتىشقا تىرىشقان. ساقچىلار نامايشچىلارنى تارقىتىش ئۈچۈن كۆزدىن ياش ئاققۇزىدىغان گاز ئىشلەتكەن. نامايىشچىلارنى تارقىتىش جەريانىدا نامايىشچى ئاياللاردىن بىرى ساقچى ماشىنىسى تەرىپىدىن بېسىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ نامايىش بولىۋاتقان جايغا كېلىپ نامايىشچىلارغا قوشۇلۇشىغا ۋە نامايشچىلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلارنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەپ بولغان. توقۇنۇشلاردا 70، 80 ئەتراپىدا ساقچى خادىمى ۋە رايوندىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى يارىلانغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نامايىشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۈرگەنلەرنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، نامايىشچى ئايالنىڭ خىتاي ساقچى ماشىنىسى ئاستىدا جان بېرىشىدىن غەزەپلەنگەن نامايىشچىلارساقچى ماشىنىلىرىنى ئۆرۈپ، دېرىزىلىرىنى چېقىۋەتكەن.
رايوندىكى بىر ساقچى خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقان نامايىشچىلارنىڭ سانى 10 مىڭ كىشىگە يېتىدىكەن. (قانات)