خىتاينىڭ يېڭى بەلگىلىمىلىرى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتتى
2006.03.01
خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى " جەمئىيەت ئامانلىقىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە جازالاش قانۇنى" نى ئېلان قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا تېخىمۇ كۆپ جازالاش ھوقۇقى بەردى.
ئەنگلىيە ب ب س رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى چىققان بۇ قانۇن بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا ج خ ئورگانلىرىنىڭ جازالاش ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان چەتئەللىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە ئۇلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش بەلگىلىمىلىرىنىمۇ قوشۇمچە قىلىنغان.
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇن-تۈزۈم ئىدارىسى باشلىقى كې لياڭدوڭ، گەرچە چەتئەللىكلەرنى چېگرادىن چىقىرىش مەسىلىسىدە ئېنىق بەلگىلىمە بولمىسىمۇ، لېكىن چەتئەللىكلەر خىتاينىڭ بۇ "جەمئىيەت ئامانلىقىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە جازالاش قانۇنى" غا خىلاپلىقلا قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.
يېڭى چىقىرىلغان بۇ بەلگىلىمە يەنە كەڭ دائىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قانۇنسىز ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق دەپ قارىغان دىنىي پائالىيەتلەرنى جازالاش جەھەتتىمۇ نۇرغۇن بەلگىلىمىلەر كۆرسىتىلگەن. ئەمما ئۇنىڭدا يەنە، ساقچىلارنىڭ دېلو بېجىرگەندە كىشىلەرنى قىيىن-قىستاققا ئېلىپ سوراق قىلىشى چەكلەنگەن ھەمدە بۇنداق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. خىتايدا ئەزەلدىن ساقچىلارغا كۆپ ھوقۇق بېرىلگەن بولۇپ، بۇ غەرب ئەللىرىنىڭ ئىزچىل ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي يېڭى يىلدا بىر يۈرۈش يېڭى قانۇن-قائىدىلەرنى يولغا قويدى
- خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى كېلەر يىلدىن باشلاپ ئۆلۈم جازاسى ئەرزلىرىنى ئاشكارا كۆرۈپ چىقىدۇ
- خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى
- ئالى سوت مەھكىمىسى دېھقانلارنىڭ يەر- زېمىن ھوقۇقى توغرىسىدىكى قانۇنغا ئىزاھات بەردى
- خىتاي تېررورچىلىققا قارشى قانۇن بېكىتمەكچى