چىن شۈيبيەن يېڭى يىل نۇتۇقىدا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالدى


2005.01.02

تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن شەنبە كۈنى بەرگەن يېڭى يىللىق نۇتۇقىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن "قانۇنىي ئاساس" يارىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، تەيۋەننىڭ خىتايدىن ئايرىلىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىد سالغان ئىدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چىن شۈيبيەن نۇتۇقىدا "ئۆتكەنكى تۆت يىلدىن بۇيان، تەيۋەن خىتايغا كۆپ قېتىم تىنىچلىقپەرۋەر ياخشى نىيىتىنى ئىپادىلەپ، ئىككى قىرغاق سۆھبىتىنى قايتا باشلاش ھەققىدە ئاكتىپ ئىزدەنگەنگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقى، تەيۋەنگە قورال ئىشلىتىش تەھتىدىدىن ۋاز كەچمىدى" دىدى. ئۇ يەنە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ نۆۋەتتە "بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن" نى چىقىرىش ئارقىلىق ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى سىياسىي ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ رايون ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىد ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋمۇ يېڭى يىللىق نۇتۇقىدا خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قايتا تەكىتلىگەن. ئۇ بېيجىڭنىڭ ، تىنىچ ھالدا تەيۋەن بىلەن بىرلىككە كېلىشكە زور كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى، بىراق ھېچقانداق كىشىنىڭ ھەر قانداق شەكىل بىلەن تەيۋەننى بېيجىڭدىن ئايرىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا تەيۋەنگە قارىتىلغان " بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن لايىھىسى" نى مۇزاكىرە قىلغان. بۇ بېيجىڭ بىلەن تەيۋەن مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىلىشىشىشگە يول ئاچقان ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.