كۇچاردا تۇرالغۇسىدىن كۆچۈرۈلۈشكە نارازى بولغان لېي جەنگو بېيجىڭگە كېلىپ ئەرز قىلماقتا

رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ بېيجىڭدىن ئىگىلىشىچە، كۇچار ناھىيىسىدە شەخسىي كارخانىچى تەرىپىدىن بىنا قىلىنىدىغان بىر چوڭ سودا سارىيى ئۈچۈن، يەرلىك ھۆكۈمەت بۇيرۇق چۈشۈرۈپ 43 ئائىلىنى تورالغۇلىرىدىن كۆچۈرمەكچى بولغان. گەرچە ئۇنىڭ 33 ى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن ئىمزالىنىدىغان كېلىشىمگە ئىمزا قويغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە 10 ئائىلە داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىپ، كېلىشىمگە ئىمزا قويمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇلار يېقىندا بېيجىڭغا كېلىپ مەركەزگە ئەرىز سۇنغان.

بۇ قېتىم كۇچار ناھىيىسىدىن بېيجىڭغا ئەرز قىلغىلى كەلگەنلەرنىڭ بىرى لېي جەنگو. بۇ كىشى 2006 ‏- يىلى 2 ‏- ئايدا يەرلىك ھۆكۈمەت تۇرالغۇسىدىن كۆچۈش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەندىن باشلاپ جىددىي قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە. ئۇ 1999 ‏- يىلى كۇچارغا كۆچۈپ كېلىپ، پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر جايدا ئولتۇراقلاشقان ئىكەن.

بۇ كىشى ھازىر بېيجىڭدا 'يەرلىك ھۆكۈمەت بىز بىلەن مەسلىھەتلەشمەيلا، بىزنى يەر-زېمىنىمىزدىن كۆچۈرۈش ھەققىدە ئۆزى قارار چىقاردى؛ شۇ ئەتراپتىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسى بىر كۋادرات مېتىرى 7800 يۇەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت بىزنىڭ يەر-زېمىنىمىزنىڭ بىر كۋادىرات مېتىرىنى ئاران 800 يۇەن بېرىپ سېتىۋالماقچى بولدى' دەپ ئەرز قىلماقتا. (ۋەلى)