خىتاي يېقىندا ئاي شارى ئوربىتىسىغا چىقارغان "ئاي پەرىسى" سۈنئىي ھەمراھى ئاي شارى يۈزىنىڭ فوتو سۈرەتلىرىنى يەر يۈزى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىغا ئەۋەتىشكە باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن كىيىن، تەنقىدچىلەر، خىتاي ئاشكارىلىغان ئاي شارى يۈزى فوتوسىنىڭ ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھى تارتقان سۈرەتنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان ساختا سۈرەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى خىتاي ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى خادىملىرى تەنقىدچىلەرنىڭ پىكىرلىرىنى رەت قىلىپ، خىتاي سۈنئىي ھەمراھى تارتقان ئاي شارى سۈرىتىنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئەمما تەنقىدچىلەر، خىتاي تىلىدا چىقىدىغان تور بەتلىرىدە، مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھ تارتقان رەسىمنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىگە سوئال قويۇپ، مەزكۇر سۈرەت ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھى ئىككى يىل ئاۋۋال ئاي شارى ئوربىتىسىدا تارتقان سۈرەتكە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قانداقسىگە خىتاي سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھى بىلەن دەلمۇ-دەل ئوخشاش ئورۇندا تۇرۇپ بۇنداق سۈرەتنى تارتقانلىقىدىن شۈبھىلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەن ئىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ، خىتاي ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئوياڭ زىيۇەننىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇ تەنقىدچىلەرنىڭ پىكىرلىرىنى رەت قىلىپ: "چۈنكى خىتاي بىلەن ئامېرىكا بۇنداق سۈرەتلەرنى ئوخشاش رايوندا تارتقان بولغاچقا، سۈرەتلەردە ئوخشاشلىق مەۋجۇت" دېگەن ۋە تەپسىلىي قارىسا پەرقىنى بايقىغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۆتكەن ھەپتە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋ، خىتاي ئالدىنقى ئايدا ئاي شارى ئوربىتىسىغا چىقارغان "ئاي پەرىسى - 1" تىپلىق سۈنئىي ھەمراھنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھ تارتقان بىر پارچە سۈرەتنى ئاشكارىلىغان ئىدى. (جۈمە)