خىتايدا بىر پارتىيە پۈتۈن خەلقنىڭ يەر -زىمىن ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئىگەلىۋالىدىغان ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش كېرەك

ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت زىمىنى- ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئىدارە قىلىش مىنىستىرلىكى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدا 1996 ‏- يىلىدىن 2005 ‏- يىلىغىچە بولغان 10 يىل ۋاقىت ئىچىدە يېزىلاردا 120 مىليون مو تېرىلغۇ يەر ئازلاپ كەتكەن. بۇ پۈتۈن تېرىلغۇ يەر مىقدارىنىڭ 6%.6 نى تەشكىل قىلىدۇ، بۇ مەسىلە بۇنىڭدىن كېيىن دېھقانلارنىڭ كۆپلەپ ئىشسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، بەلكى جەمئىيەتتە ئاشلىق كاملاش مەسىلىسىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالدى

گەرچە ھۆكۈمەت ھازىر بۇنىڭدىن كېيىن 11 ‏- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ، دەپ ۋەدە بېرىپ تۇرۇۋاتسىمۇ، ئەمما ھازىر خەلق بۇ گەپكە ئىشەنمەيدۇ، بەلكى خەلق ئىچىدە ھازىر تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئازلاپ كېتىشىنى ئاساسەن ھۆكۈمەتنىڭ "قانۇنسىز يەر ئىگەللىشى" كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ قارىماقتا. شۇنداقلا خەلق ھازىر بۇ مەسىلىنى ھۆكۈمەتكە تايانماي ئۆزلىرى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئىزلىمەكتە.

ھازىر خىتايدا دېھقانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقان كىشىلەردىن سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ زىگوڭ ناھىيىسى قىزىلبايراق يېزىسىدىكى ليۇ جېڭيۇ ئەپەندى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ "ئىجارىگە ئېلىش"، "گۈزەل مەنزىرە بىنا قىلىش"، "سودا سارىيى ياكى تورالغۇ بىنا قىلىش" دېگەندەك ناملار بىلەن ئىگەللىۋېلىنىش مەسىلىسىنى مۇلاھىزە قىلغاندا "بۇنداق ئىشنى ھۆكۈمەت ساقچىلىرى بىلەن قاراڭغۇ جەمئىيەت لۈكچەكلىرى بىرلىشىپ قىلىۋاتىدۇ. بارغانسىرى قەبىھلىشىۋاتىدۇ. بىزنىڭ يېزىدا 8 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى مۇشۇنداق ۋەقە يەنە بىر قېتىم يۈز بەردى يۈز بەردى. يەر ئىگەللىگىلى كەلگەنلەر نارازىلىق بىلدۈرگەن دېھقانلارنى خالىغانچە ئۇردى. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى قاراپ تۇرۇشتى، ھېچنىېمىگە كېرەككە كەلمىدى. ئىنكاس قىلساق يۇقىرىنىڭ كارى بولمىدى. مەسىلىنىڭ يىلتىزى مەركەزدە.

"قانۇنلۇق" قىلىنىۋاتقان بۇلاڭ-تالاڭ

تېرىلغۇ يەرلەرنى مەجبۇرىي ھالدا ئىگەللىۋېلىش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا شىئەن شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت بىلەن سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغان ئەرباب ما شياۋمىننىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇچۇر ۋاستىلىرى "قانۇنسىز يەر ئىگەللەش" دەپ ئاتاۋاتىدۇ، ئەگەر "قانۇنسىز" بولسا يۇشۇرۇنراق، ھېلى-مىكرى ئىشلىتىپراق قىلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ھازىرقى يەر ئىگەللەشنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۇدۇل كېلىپ، تەمكىن ھالدا، كۆزۈڭگە كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ قىلىدۇ. ئۇلار بۇنى "قانۇنلۇق" دەيدۇ. توغرىسىنى ئېيتقاندا بۇ بىرخىل "قانۇنلۇق" قىلىنىۋاتقان بۇلاڭ-تالاڭ. ھۆكۈمەت گەرچە يەرگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى دۆلەت ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان، كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان، دەپ ئايرىسىمۇ، ئەمما ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى تىلغا ئالمايلا تارتىۋېلىۋىرىدۇ. "ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى" دېگەننى سەن ئوتتۇرىغا قويالمايسەن. بۇ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى مەسىلىسى ھەل قىلىنسىلا ھەل بولۇپ كېتىدىغان مەسىلىمۇ ئەمەس، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمى شارائىتىدا سەن بۇنداق مەسىلىلەرنى پاش قىلساڭمۇ، ئەرز قىلساڭمۇ ئاقمايدۇ، ئەرزىڭنىمۇ قانۇن ئورگانلىرى قوبۇل قىلمايدۇ.

تېرىلغۇ يەرلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي ئىگەللىۋېلىش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە بۇ ئىككى ئەپەندىنىڭ بىردەك بايان قىلىشىچە، ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، ئىمتىياز ئىگىلىرىنىڭ، چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ، قاراڭغۇ جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىمايدۇ، بەلكى دېھقانلارنى ئۇچۇق - ئاشكارا ھالدا بولاڭ -تالاڭ قىلىۋىرىدۇ، باستۇرىۋىرىدۇ. دېھقانلار ھازىر ئاجىز گۇروھ . ئەگەر نارازى بولۇپ ئەرز قىلسا، ئەرزىنى قوبۇل قىلمايدۇلا ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ چۈشەندۈرمەيدۇ. ئۇلار قانۇنىي ماددىلارنى ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ئەمدى دېھقانلار ئەگەر ئۆزى دېھقانلار جەمئىيىتى دېگەندەك مۇستەقىل تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇپ، ئۆزنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزى قوغداشتىن ئۆزگە ئامال يوق. ھەرخىل تەشكىلات قۇرۇپ ئۆزىنى قوغداش كېرەك. خىتايدا مەيلى يېزىدا بولسۇن ياكى شەھەردە بولسۇن، بىر پارتىيە پۈتۈن خەلقنىڭ يەر -زىمىن ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنى تامامەن ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئىگەلىۋالىدىغان بۇنداق ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش كېرەك. ئەڭ توۋەن دېگەندە، قانۇن ئورگانلىرى مۇستەقىل، يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى بىۋاستە پاش قىلالايدىغان مۇستەقىل ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا ئىگە بولغان جەمئىيەتنى بەرپا قىلىش كېرەك. (ۋەلى)