خىتايلار يېشىل كارت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى


2004.08.20

خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىكلەرنىڭ خىتايدا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغان يېشىل كارت تۈزۈمى توغرىسىدىكى قانۇنىنى تەستىقلىدى.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېشىل كارتقا ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىغان چەتئەللىكلەر ئاساسلىقى خىتايدا خىزمەت قىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىلار، خىتايغا مەبلەغ سالغۇچىلار، خىتاي دۆلىتى ئېھتىياجلىق بولغان ئىختىساس ئىگىلىرىدىن ئىبارەت. ئائىلىسى خىتايدا ياشايدىغان چەتئەللىكلەرمۇ بۇ قانۇن بويىچە يېشىل كارتقا ئېرىشەلەيدۇ. يېڭى قانۇن 8 - ئاينىڭ 15 دىن باشلاپ رەسمى يولغا قويۇلدى.

گەرچە يېشىل كارتقا "مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى" دەپ نام بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق يېشىل كارت يېشىغا توشمىغانلار ئۈچۈن 5 يىللىق، چوڭلار ئۈچۈن 10 يىللىق مۇددەت بىلەن بېرىلىدۇ. يېشىل كارتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ خىتاي گراژدانلىرى بىلەن ئوخشاش ئىمتىيازدىن بەھرىمان بولالايدىغان ياكى بولالمايدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئامما، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى كونسۇل ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لو تيەنگۋاڭ، يېشىل كارتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ خىتايدا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ، يېشىل كارتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ خىتايدىكى ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر خىتاي قانۇنلىرى بويىچە كېيىنرەك بېكىتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە ئون يىللاردىن بېرى خىتايدىكى چەتئەللىكلەرنىڭ پائالىيىتىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەنىدى. مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا خىزمەت قىلىدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ 2001 - يىلدىكى سانى 60 مىڭدىن ئاشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى 1985 - يىلدىن ھازىرغىچە 3 مىڭدەك چەتئەللىكنىڭ خىتايدا ئولتۇراقلىشىشىنى تەستىقلىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.