خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، يېزا تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، يەكشەنبە كۈنى باشلانغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىپ، يېزا تەرەققىياتىغا سېلىنىدىغان مەبلەغنىڭ بۇ يىل 15 % كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يېزا - كەنتلەر مەسىلىسى خىتاي بويىچە مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق مەسىلىسى بولۇپ قالماقتا.

ۋېن جياباۋ، بۇ يىل خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ 8 % گە ئاستىلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، تەيۋەن مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا تەيۋەن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ، ئەمما دېموكراتىك يول بىلەن سايلانغان تەيۋەن رەھبەرلىرىنىڭ مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ۋېن جياباۋ، " تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى نىشان قىلغان بۆلگۈنچى ھەرىكەتلەرگە قەتئى قارشى تۇرىمىز " دەيدۇ. خىتاي دائىرىلىرى تەيۋەن مۇستەقىللىقى ئىككى قىرغاق ئارىسىدا ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان " خەتەرلىك قەدەم " دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا.

ۋېن جياباۋ، بۇ يىلقى دۆلەت خام چوتى ھەققىدە توختىلىپ، مەكتەپلەر، يېزا ئىگىلىك ياردىمى، سالامەتلىك ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇشقا سېلىنىدىغان مەبلەغ " يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە تېز ۋە زور ئۆزگىرىشلەر پەيدا قىلىدۇ " دېدى. ئەمما ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەربىي خام چوتنى 7. 14 پىرسەنت ئاشۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يېزا تەرەققىياتىغا سېلىنىدىغان مەبلەغ 41 مىليارد 900 مىليون دوللار بولۇپ، ئۆتكەن يىلغا قارىغان 5 مىليارد 200 مىليون دوللار ئاشۇرۇلغان. ئەمما ئۇ دوكلاتىدا يېزا - كەنتلەردە دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەر ۋە قورا جايلىرىنى مەجبۇرى سېتىۋېلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر - زېمىن ماجىرالىرى ھەققىدە توختالمىدى.

قۇرۇلتاي باشلانغان كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تيەنئەنمىن مەيدانىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بىخەتەرلىكنى قوغداشقا 15مىڭ ساقچىنىڭ سەپەرۋەر قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. (ئەركىن)