خىتاي ساقچىلىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھارپىسىدا مىڭلىغان كىشىلەرنى تۇتتى
2004.09.09
باش شتابى نىيۇ-يوركتىكى "خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى" نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان 16 - قۇرۇلتىيى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھارپىسىدا،ئەرز سۇنغىلى كەلگەن 36 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى تۇتقان.
بېيجىڭغا ئەرز ئېيتىش ئۈچۈن كەلگەن بۇ كىشىلەر ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە تۇتۇلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى جەريانىدىكى ئاممىۋىي تەرتىپكە كاپالەتلىك قىلىشقا ئۇرۇنغان.
خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان ئەرزدارلار نۆۋەتتە بېيجىڭدىكى بىر تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە قاماپ قويۇلغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاپ تىزىملىغاندىن كىيىن، ئاندىن ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن.
خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار يەنە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان نۇرغۇن ئەرزدارلارنى تىل- ئاھانەت ۋە تاياق توقماق بىلەن دۇمبالاپ خارلىغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، بېيجىڭنىڭ جەنۇبىدىكى» ئەرزدارلار كەنتى «دەپ ئاتالغان نامرات مەھەللىدە پاناھلىنىپ تۇرىۋاتقان نۇرغۇن ئەرزدارلارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تېخى بۇ مەلۇماتلارغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى. (ئارزۇ)