خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 4 - ئومومىي يىغىنى ئېچىلدى
2004.09.16
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 16 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - ئومومىي يىغىنى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا باشلاندى. تۆت كۈن داۋام قىلىدىغان مەزكۈر يېپىق يىغىنغا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتىتىنىڭ 198 نەپەر ئەزاسى قاتنىشىدىكەن.
چەتئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتىتىنىڭ ئەزالىرى بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاساسلىقى چىرىكلىك مەسىلىسى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ھوقوقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان "شىنخۇا" ئاگېنتلىقى، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈزگۈزۈش ئىقتىدارى مەسىلىسىنىڭ تۈنجى قېتىم بۇ يىغىندا مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ھارپىسىدا ۋە جەريانىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىكىرىنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن .فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە،خىتاي ساقچىلىرى پەيشەنبە كۈنى يىغىن ئېچىلغان جاي دەپ قارالغان بېيجىڭ جىڭشى مېھمانخانىسىنىڭ سىرتىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن 14 كىشىنى تۇتقان. (ئارزۇ)