خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بېيجىڭدا ئىچىلىدىغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ ھارپىسىدا، ئاز دېگەندە 440 ئادەمنى تۇتقۇن قىلدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرۇش ئېھتىمالى بار دەپ قارىغانلارنى تۇتۇپ كەتكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ساقچىلىرى يەنە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىن بېيجىڭغا ئەرز سۇنۇش ئۈچۈن كەلگەن 100 دەك كىشىنى ئۇرۇپ، ئۇلارنى ئاپتوبۇسقا بېسىپ ئېلىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ نەگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. بىر قىسىم ئەرزدارلارنىڭ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرىشىچە، ساقچىلارنىڭ ئۇلار تۇرىۋاتقان مەھەللىگە كېلىپلا كىشىلەرنى ئۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى شىكايەت قىلغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئەرزدارلار تۇرىۋاتقان جاينىڭ ئەتراپىدىكى ساقچىخانا خادىملىرى، ساقچىلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ھەققىدە سۆز قىلىشنى رەت قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ ھارپىسىدا، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ۋەقە سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقنىمۇ كۈچەيتكەن . يىغىن جەريانىدا، سىياسىي جەھەتتىن سەزگۈر مەزمۇنلارنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ " بىخەتەرلىك خادىملىرى" ھەر قايسى تور بەتلىرىدىكى چايخانىلارنى 24 سائەت نازارەت قىلىدىكەن. (ئارزۇ)