خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بۇ ھەپتە بېيجىڭدا ئېچىلماقچى بولغان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەپ، بۇ يىغىن ۋاقتى تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسى يۈز بەرگەن 4 - ئىيۇن ۋاقتىغا بەك يېقىن بولۇپ قالغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىن ئەسلىدىكى پىلاندا مۇشۇ پەيشەنبە كۈنى ئىچىلىدىغان بولۇپ، يىغىندا سايلام، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى ۋە سىياسىي ئىسلاھات قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنماقچى ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 6 ئايدىن بۇيان مۇشۇنداق خەلقئارالىق يىغىننى ئىككى قېتىم بىكار قىلغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدىمۇ خىتاي بېيجىڭدا ئېچىلماقچى بولغان ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدىكى خەلقئارالىق يىغىننى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.
خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دائىر سەزگۈر تېمىلاردىن داۋاملىق ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (پەرىدە)