قەدىمىي يىپەك يولى نۆۋەتتە خىتاينىڭ كۆچمەن يۆتكەيدىغان يولىغا ئايلىنىپ قالدى


2004.09.05

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىندىكى بولغان قەشقەرنى زىيارەت قىلىپ، قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ كۆچمەنلەرنى يۆتكەيدىغان يولىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ يەكشەنبە كۈنى قەشقەردىن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا،خىتاينىڭ بەش يىل ئاۋۋال ئۈرۈمچىدىن - قەشقەرگە تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول ياسىشى نەتىجىسىدە، خىتاي كۆچمەنلىرى كەڭ كۆلەمدە بۇ يەرگە ئېقىپ كىرىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۈدىيىتىگە تەھدىت سالغان.

مۇخبىر خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئېلان قىلغان قەشقەر ئاھالىسىنىڭ ٪90 ئىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدۇ، دېگەن ستاتىستىكىسىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى،ئەتراپقا نەزەر سالغاندا، خىتايلار ئىگىلىگەن نوپۇسنىڭ ھۆكۈمەت ئېلان قىلغاندىن خېلىلا كۆپ كۆرۈنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق، كۆرۈنۈشتە تىنچ ۋە تەرەققى قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنىۋاتقان بۇ شەھەردە، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مىللىي توقۇنۇشنىڭ يوشۇرۇن ھالدا ئۆتكۈرلىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.