خىتايدا ئىككى نەپەر ئۆكتىچى ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن

خىتايدا ئاچلىق ئېلان قىلىش ۋاستىسى بىلەن، ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان ئۆكتىچىلەردىن ئىككى نەپىرى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.

ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى ئۆكتىچى زات، خۇ جيانىڭ ئايالى 16 ‏- فېۋرال كۈنى، ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خىتايچە بۆلۈمىگە، ئېرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان خۇ جيانىڭ ئايالى، بىر قانچە كۈندىن بېرى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان خۇ جيانىڭ، ھەر كۈنى يۇقىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن سىرتقا چىقىدىغانلىقىنى، پەيشەنبە ئەتىگەندە نازارەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن خۇ جيانىڭ، خىزمەت ئورنىغا بارمىغانلىقىنى ۋە ئۆيگىمۇ قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان.

خۇنىڭ ئايالى، ئۇنىڭ يوقاپ كېتىش سەۋەبىنى، خۇنىڭ ئاشلىق ئېلان قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقانلىقىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارايدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت خۇنىڭ ئايالى، ئۆكتىچى زات چى جىيۇڭنىڭمۇ چارشەنبە كۈنى كەچتە يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. چى جىيۇڭ، 1989 ‏- يىلى تىيەنئەنمىن ۋەقەسىدە ئوق تېگىپ بىر پۇتىدىن ئايرىلغان ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئىككى نەپەر ئۆكتىچىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

2 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى خىتايدا 370 كە يېقىن كىشى، ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىلىرى ئۈستىدىن نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كۈچ ئۇلاپ ئاشلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان ئىدى. (ئەقىدە)