خىتايدا ئېغىز-تۇياق ياللۇقى كېسەللىكى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى

خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدە ئېغىز- تۇياق ياللۇقى كېسەللىكىنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1‏- ئىيۇل كۈنى چىڭخەينىڭ خېنەن ناھىيىسىدىكى ئۈچ قوتاندىكى كالىلاردا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسدە 7‏- ئىيۇل كۈنى بۇ كېسەللىكنىڭ ئېغىز -تۇياق كېسەللىكى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. مىنسىتىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 51 كالىنىڭ مەزكۇر كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغانلىقى كۆرۈلگەن.

بۇ ، مۇ شۇ يىل ئىچىدە خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدە ئېغىز -تۇياق ياللۇقى كېسەللىكىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ۋە 2006‏- يىلىدىن بېرى خىتايدا توققۇزىنچى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئېغىز -تۇياق ياللۇقى كېسەللىكى ناھايىتى خەتەرلىك ۋە يۇقۇملۇق بىر كېسەللىك بولۇپ، ئاساسەن كالا، چوشقا ، قوي ۋە باشقا ئاچى تۇياقلىق چارۋىلاردا كۆرۈلىدۇ. (قانات)