گەنسۇدا مال چارۋىلارغا ئېغىز تۇياق ياللۇغى تارقالدى

خىتاي دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ بۈگۈن تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىغا قوشنا ئۆلكە بولغان گەنسۇنىڭ بەييىن شەھرىنىڭ جىڭتەي ناھىيىسىدە چارۋا ماللار ئارىسىدا ئاسىيا ئى تىپىدىكى ئېغىز تۇياق ياللۇغى تارقالغان.

جىڭتەيدىكى چارۋا ماللاردا دەسلەپ -1 ئاينىڭ -28 كۈنى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ مەخسۇس مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە بۇنىڭ ئاسىيا ئى تىپىدىكى ئېغىز تۇياق ياللۇغى ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىپ، خىتاي دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكى دەرھال رايوندىكى مال چارۋىلارنى كارانتىن قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.

-2 فېۋرالدىن باشلاپ 450 كىلومېتىر دائىرىسىدىكى ئېغىز تۇياق ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان كالا، قوي پادىلىرىنى قىرىپ يورۇتۇشقا باشلىغان. خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى گەنسۇدا يۈز بەرگەن ئېغىز تۇياق ياللۇغىنىڭ كونترۇل قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

ئىلگىرى يەنى 2005 يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان يايلاقلاردا كەڭ كۆلەمدە ئېغىز تۇياق ياللۇغى تارقالغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا تارقالغان بۇ ئېغىز تۇياق ياللۇغىنى بەشىنچى نومۇرلۇق كېسەل دەپ يۇشۇرۇپ، ۋاقتىدا جىددى تەدبىر ئالغانلىقتىن چارۋىچىلار نۇرغۇن ئېغىر زىيان تارتقان ئىدى. (گۈلچېھرە)