خىتاينىڭ تاشقىي پېرىۋۇت ئومۇمى زاپاس مىقدارى بۇ يىل 2 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە 853 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يېتىپ، تۇنجى قېتىم دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ تاشقىي پېرىۋۇت زاپىسىغا ئىگە ياپونىيىدىن ئېشىپ كەتتى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ تاشقىي پېرىۋۇت زاپىسىنى 2 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە 850 مىليارد دوللارغا يەتتى، دەپ ئېلان قىلغان.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى بانكىسى "جۇڭگو سودا گېزىتى" نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە باھا بېرىشنى رەت قىلىپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئاپرىلدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ غەزىنىدىكى تاشقى پېرىۋوت زاپىسى 2005 - يىلى 34 % كۆپەيدى ۋە 818 مىليارد دوللارغا يەتتى. بۇ يىل خىتاينىڭ تاشقى پېرىۋوت زاپىسى بىر ترىليون دوللارغا يېتىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىنماقتا.
خىتاي ئېكسپورتىنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك كۆپىيىشى خىتاينى دوللار ۋە مول چەتئەل تاشقى پېرېۋوتىغا ئىگە قىلدى. خىتاينىڭ 2005 -يىلدىكى تاشقى سودا ئاكتىپ بالانىسى 101 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يەتكەن بولۇپ، بۇ سان 2004 - يىلى 32 مىليارد دوللار ئىدى.
خىتاينىڭ ئامېرىكا قاتارلىق سودا شېرىكلىرى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈپ، ئېكسپورتنى ئاشۇرۇش ۋە بۇ دۆلەتلەرنى زور مىقداردا تاشقى سودا پاسسىپ بالانىسىغا گىرىپتار قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەش ۋە تاشقى سودىدىكى پاسسىپ بالانىسنى تۈگىتىش پرىزدېنت بۇشنىڭ 20 - ئاپرىل كۈنى ئاق سارايدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىنىڭ مۇھىم تېمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)