جوڭگو زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقارماقچى

جوڭگو خەلق قۇرۇلتىيى سەيشەنبە كۈندىن باشلاپ زەھەرلىك چېكىملىك چەكلەش قانۇنى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشكە باشلىدى. جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ شىنفېڭ سەيشەنبە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىغا "جوڭگودا زەھەرلىك چېكىملىكنى كونترول قىلىش جىددى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن بىر چاغدا بۇ قانۇننى چىقىرىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە،" دەيدۇ.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا خېروئىن چېكىدىغان بەڭگىلەرنىڭ سانى 700 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، خېروئىن ئەتكەسچىلىكى بېرما، لائۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك ۋە ئافغانىستان ، پاكىستان چىگرىسىدىكى "ئالتۇن ھىلالئاي" رايونىدىن كەلمەكتە. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى " يېڭى قانۇندا ساقچىلارغا پويىز ئىستانسىسى، ئاپتوبۇس بېكىتى ۋە چىگرا ئېغىزلىرىدا كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ يۈك - تاقىلىرىنى ئاختۇرۇش ھوقۇقى بېرىلگەن،" دەپ كۆرسەتتى.

2005 - يىلى خىتاي بويىچە 60 مىڭ ئادەم زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە17 يېرىم توننا زەھەرلىك چېكىملىك قولغا چۈشۈرۈلگەن. يېقىندا ئىبراھىم ئىسملىك بىر غۇلجىلىق ئۇيغۇر ياش ساقچىلار تەرىپىدىن 5 كىلو خېروئىن بىلەن قولغا ئېلىندى. (ئەركىن)