خىتاي يېمەكلىرى خەتەرلىك

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 1 ‏- ئاينىڭ 30 ‏- كۈنى توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىگە يېقىن بولغان خيوگو، چىبا ۋىلايەتلىرىدە، چوڭ تاللا بازارلاردىن خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان توڭلىتىلغان جۇۋاۋا سېتىۋېلىپ ئىستىمال قىلغان 10 نەچچە ئادەم زەھەرلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 5 ياشلىق بىر قىز بالىنىڭ زەھەرلىنىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، ئۇ قۇسۇپ، ھۇشىدىن كەتكەن.

ياپون ساقچى دائىرىلىرى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان بۇ خىل يېمەكلىكنىڭ تەركىبىدە 'مېتامىدوفوس' دەپ ئاتىلىدىغان يېزا ئىگىلىكىدە ھاشاراتلەرنى قىرىدىغان فوسفورلۇق ئورگانىك دېھقانچىلىق دورىسى بارلىقىنى ئېنىقلىغان. خىتايدىن يېقىندىلا 13 توننا توڭلىتىلغان جۇۋاۋا قاتارلىق يېمەكلىك ئىمپورت قىلغان ج ت يېمەكلىك شىركىتى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يېقىندىن ماسلاشقان ۋە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان 23 خىل يېمەكلىكنى سېتىشنى توختاتقان.

ياپونىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى 50 كىلوگرام كېلىدىغان ئادەمگە بىر يېرىم گىرام 'مېتامىدوفوس' بېرىلسە ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ خىل دېھقانچىلىق دورىسى ياپونىيىدە قوللىنىلمايتى. (ۋەلى)