ياپونىيىدە توڭلىتىلغان خىتاي جۇۋاۋىسىدىن زەھەرلەنگەن ئادەم سانى 200 دىن ئاشتى


2008.01.31

ياپونىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ توڭلىتىلغان جۇۋاۋىىسىدىن زەھەرلەنگەن ياپونىيىلىكلەر سانىنىڭ 10 غا يەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ياپونىيە تېلېۋىزىيە ۋە مەتبۇئاتلىرى پەيشەنبە كۈنىگە قەدەر زەھەرلەنگەن ئادەم سانىنىڭ 200 دىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، خىتاينىڭ توڭلىتىلغان جۇۋاۋىىسىغا يېزا ئىگىلىكىدە ھاشارەتلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مېتامىدوفۇسنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان زەھەرلىنىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ياپونىيە ھۆكۈمىتى يەنە،مەخسۇس خادىملىرىنى خېبېي ئۆلكىلىك تەنياڭ يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىگە نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ئەۋەتتى.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زەھەرلىك جۇۋاۋا توغرىسىدىكى خەۋەر، پۈتۈن ياپونىيە جەمئىيىتىدە غۇلغۇلا قوزغاپ، ياپونلۇقلارنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان يىمەكلىكلەرگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان.

نۆۋەتتە، ياپونىيىنىڭ بىر قىسىم ئۆلكىلىرى، تەنياڭ يىمەكلىك شىركىتىنىڭ يىمەكلىكلىرىنى ئىمپورت قىلغان ياپونىيە شىركەتلىرىدىن 19 ىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىپ، بۇ شىركەتلەردىن پۈتۈن خىتاي يىمەكلىكلىرىنى قايتۇرىۋىتىشنى ۋە تەنياڭ يىمەكلىرىنى سېتىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

بىراق، خىتاي دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى توڭلىتىلغان جۇۋاۋا ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتە، زەھەرلىك مېتامىدوفۇسنى بايقىمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە تەنياڭ شىركىتىنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتا بىخەتەرلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھازىر ئىككى تەرەپ، بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.