خىتاينىڭ سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىدىكى زەھەرلەنگەن سۇ رۇسىيىگە يېتىپ باردى


2005.11.30

خىتاينىڭ سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىدىكى زەھەرلەنگەن سۇ چارشەنبە كۈنى رۇسىيە تەۋەلىكىگە ئېقىپ كىرگەن. ئەمما رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى ئەمەلدارلار، بۇنىڭ تېخى بۇلغىنىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان سۇ ئېقىمى ئەمەسلىكىنى، يۇقىرى دەرىجىلىك زەھەرلىك سۇنىڭ يەنە بىر قانچە كۈندىن كېيىن يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇڭخۇاجياڭ دەرياسى ھېيلوڭجياڭ دەرياسىغا قويۇلىدىغان بولۇپ، رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە خېيلوڭجياڭ دەرياسى سۈيىنىڭ بېنزىن مىقدارى نورمال ئۆلچەمدىنمۇ يۇقىرى بولغان. خېيلوڭجياڭ دەرياسى رۇسلار تەرىپىدىن ئامۇر دەرياسى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، رۇسىيە ئەمەلدارلىرى رۇسىيە تەۋەسىگە ئېقىپ كىرگەن زەھەرلىك ماددىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان ئاممىنىڭ 1 يېرىم مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا.

نۆۋەتتە رۇسىيىنىڭ خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان جايلىرىدىكى رۇس ئاھالىلىرى بوتۇلكىلىق سۇلارنى جىددىي سېتىۋېلىشقا باشلىغان. 13‏-نويابىر كۈنى خىتايدىكى بىر نېفىت خىمىيە زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش نەتىجىسىدە ، راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خىمىيىلىك بېنزىن سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىغا قويۇلۇپ كەتكەن. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ھەتتا بۇ ۋەقە ئۈچۈن رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن كەچۈرۈم سورىغان ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.