خىتايدا بالىلار يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى داۋاملىق يۈز بەرمەكتە
2006.12.06
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا يېشى 6 ياشتىن 10 ياشقىچە بولغان ئۆسمۈرلەرنىڭ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى داۋاملىق يۈز بەرمەكتە. 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شەنشى ئۆلكىىسنىڭ نەنياۋ مەھەللىسىدىكى ياتاقلىق مەكتەپتە 2 ئوغۇل، 4 قىز ئۆسمۈر نامەلۇم يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. ساقچىلار زەھەرلىنىپ ئۆلگەن بالىلارنىڭ ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى ئېلىپ تەجىرىبىخانىلارغا يوللىغان. زەھەرلەنگەن بالىلار بىلەن بىرگە ئوقۇۋاتقان باشقا 11 ئوقۇغۇچىنى باشقا مەكتەپكە تارقىتىۋەتكەن.
شىخۇا ئاگېنېتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا بۇنىڭدىن بۇرۇن، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۆسمۈرلەرنىڭ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يېقىنقى ئۈچ ئايدىن بۇيان ئۇدا يۈز بېرىپ، كېسەل بولغان ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى بىر نەچچە يۈزدىن ئاشقان ئىدى. ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا زەھەرلىك پىچىنە، زەھەرلىك سۈت قاتارلىق يېمەك-ئىچمەك سېتىلغانلىقى ۋە بالىلارنىڭ زەھەرلەنگەنلىكى ھەققىدىمۇ خەۋەرلەر بېرىلگەن ئىدى. (ۋەلى)