چىن شۈيبيەن تالاش- تارتىشتىكى پاراتۇس ئارىلىنى زىيارەت قىلدى
2005.07.28
تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن پەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى پاراتۇس ئارىلىنى زىيارەت قىلدى.
پاراتۇس ئارىلى تالاش- تارتىشتىكى بىر ئارال بولۇپ، خىتاي ۋە تەيۋەن مەزكۇر ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ پاراتۇس ئارىلىغا قىلغان تۇيۇقسىز زىيارىتى ناھايىتى ھالقىلىق بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان. چۈنكى تەيۋەن بىلەن ياپونىيە جۈمە كۈنى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا رايوندىكى ئاراللار ۋە بېلىقچىلىق مەسىلىسى ئۈستىدە مەۋجۇت ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن سۆھبەت باشلايدىكەن.
پاراتۇس ئاراللىرى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا خىتاي، تەيۋەن ۋە فىلىپىنلەر ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، مەزكۇر ئاراللار بېلىق ۋە باشقا دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا ناھايىتى باي ئىكەن. تەيۋەن ئارمىيىسى 1989 - يىلى رايوندىكى ئەڭ چوڭ ئارال بولغان تۇڭشا ئارىلىدا بىر دوختۇرخانا، ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە بېلىقچىلار ئۈچۈن بىر پاناھگاھ ياساپ چىققان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چىن شۈيبيەن پەيشەنبە كۈنىدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئارالغا بىر كۆچەت تىكىپ، ئۇنى تەيۋەننىڭ ئارال ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ سىمۋولى دەپ ئاتىغان. (قانات
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن، خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش گۇمران بولىدۇ، دېدى
- خىتاي دېھقانلار يەر - زېمىن داۋاسىدا ھۆكۈمەتنى يەڭدى
- تەيۋەن ئالى سوت مەھكىمىسى ئۆكتىچىلەرنىڭ سايلامنى ئىناۋەتسىز قىلىش ئەرزىنى رەت قىلدى
- تەيۋەندىكى جوڭخۇا مىنگو مىللىي قۇرۇلتىيى تارقىتىۋېتىلدى
- چېن شۈيبيەن تەيۋەننىڭ خىتايغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ پەسەيگەنلىكىنى بىلدۈردى