ۋېن جياباۋ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى تارىخىي خاتالىق ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى


2006.01.20
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى دېھقانلارنىڭ يەر‏- زېمىن مەسىلىسىدە تارىخىي خاتالىق سادىر قىلغان بولۇشى مۈمكىن، دەپ ئەيىبلىدى. ۋېن جياباۋنىڭ تەكىتلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ يەر ‏-زېمىن مەسىلىسىدىكى ھەرىكىتى يېزا‏- كەنتلەرنىڭ مۇقىملىقىغا ئاساسلىق تەھدىت بولۇپ قالغان. ئۇ، " بەزى يەرلىك دائىرىلەر دېھقانلارنىڭ يەر‏- زېمىنلىرىنى قانۇنسىز يوللار بىلەن تارتىۋېلىپ، ئۇلارغا مۇۋاپىق ئىقتىسادى تۆلەم تۆلەپ بەرمىگەن ۋە تۇرمۇش يولىنى ئورۇنلاشتۇرمىغان. بۇ يېزا - كەنتلەردىكى ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوت پىلتىسى بولۇپ قالماقتا " دەيدۇ. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، دېھقانلار تېز سۈرئەتلىك شەھەرلىشىش تەرەققىياتىدا بەدەل تۈلىمەكتە.

ۋېن جياباۋ بۇ سۆزلەرنى ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا قىلغان بولسىمۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ مەتبۇئاتلىرى بۇنى ئەمدى ئېلان قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، خىتايدا 2005 - يىلى يۈز بەرگەن ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى 2004 - يىلغا قارىغاندا 6 % كۆپەيگەن. ئەڭ يېڭى ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكىتى پەيشەنبە كۈنى شىنجېن شەھىرىدە پارتلىدى. ۋېن جياباۋ، 2005 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى قىلغان شۇ قېتىمقى سۆزىدە، " بىز يەر ‏-زېمىن مەسىلىسىدە تارىخىي خاتالىق سادىر قىلىشقا يول قويماسلىقىمىز كېرەك " دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ۋېن جياباۋنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بەزى ئەمەلدارلار ئۈچۈن ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەسكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى، ئالدىنقى يىلى خىتايدا يەر‏- زېمىن ئېچىش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جۇنتوڭ شىركىتىنىڭ باش مۇدىرىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ خوتەن، قەشقەر ۋە قىزىلسۇلاردا يەر ‏-زېمىن ئېچىش سودىسىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. بۇ شىركەت ئارتۇشنىڭ شورۇخ يېزىسىدىكى 180 ئائىلىلىك ئۇيغۇر دىھقاننىڭ قورا‏- جايىنى مەجبۇرى سېتىۋالغان ئىدى .(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.