خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى دېھقانلارنىڭ يەر- زېمىن مەسىلىسىدە تارىخىي خاتالىق سادىر قىلغان بولۇشى مۈمكىن، دەپ ئەيىبلىدى. ۋېن جياباۋنىڭ تەكىتلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ يەر -زېمىن مەسىلىسىدىكى ھەرىكىتى يېزا- كەنتلەرنىڭ مۇقىملىقىغا ئاساسلىق تەھدىت بولۇپ قالغان. ئۇ، " بەزى يەرلىك دائىرىلەر دېھقانلارنىڭ يەر- زېمىنلىرىنى قانۇنسىز يوللار بىلەن تارتىۋېلىپ، ئۇلارغا مۇۋاپىق ئىقتىسادى تۆلەم تۆلەپ بەرمىگەن ۋە تۇرمۇش يولىنى ئورۇنلاشتۇرمىغان. بۇ يېزا - كەنتلەردىكى ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوت پىلتىسى بولۇپ قالماقتا " دەيدۇ. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، دېھقانلار تېز سۈرئەتلىك شەھەرلىشىش تەرەققىياتىدا بەدەل تۈلىمەكتە.
ۋېن جياباۋ بۇ سۆزلەرنى ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا قىلغان بولسىمۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ مەتبۇئاتلىرى بۇنى ئەمدى ئېلان قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، خىتايدا 2005 - يىلى يۈز بەرگەن ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى 2004 - يىلغا قارىغاندا 6 % كۆپەيگەن. ئەڭ يېڭى ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكىتى پەيشەنبە كۈنى شىنجېن شەھىرىدە پارتلىدى. ۋېن جياباۋ، 2005 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى قىلغان شۇ قېتىمقى سۆزىدە، " بىز يەر -زېمىن مەسىلىسىدە تارىخىي خاتالىق سادىر قىلىشقا يول قويماسلىقىمىز كېرەك " دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ۋېن جياباۋنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بەزى ئەمەلدارلار ئۈچۈن ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەسكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى، ئالدىنقى يىلى خىتايدا يەر- زېمىن ئېچىش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جۇنتوڭ شىركىتىنىڭ باش مۇدىرىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ خوتەن، قەشقەر ۋە قىزىلسۇلاردا يەر -زېمىن ئېچىش سودىسىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. بۇ شىركەت ئارتۇشنىڭ شورۇخ يېزىسىدىكى 180 ئائىلىلىك ئۇيغۇر دىھقاننىڭ قورا- جايىنى مەجبۇرى سېتىۋالغان ئىدى .(ئەركىن)