خىتايدا 10 يىلدىن بېرى 40 مىليون دېھقان يەر زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى 40 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان شەھەرلىشىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يەر زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋە كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە يەنە 15 مىليون دېھقان يەر زېمىنىدىن مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن.

خىتاي ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي سالامەتلىك مىنىستىرلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا " ئۆتكەنكى 10 يىل مابەينىدە شەھەرلىشىشنىڭ تېز سۈرئەتتە قانات يېيىشىغا ئەگىشىپ، 40 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان يەر زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالدى،" دەيدۇ. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە يىلىغا 3 مىليون دېھقان يەر زېمىنىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن.

جۇڭگو ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە يېزا- كەنتلەردە ياشايدىغان خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ نوپۇسىنى 745 مىليون، شەھەر ئاھالىسىنىڭ نوپۇسىنى 562 مىليون، دەپ ئېلان قىلدى. بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا خىتاي دائىرىلىرى، كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە شەھەرلەرگە كۆچۈپ كىرىدىغان يېزا - كەنت نوپۇسىنىڭ 300 مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ جۇڭگودا بىر قاتار جىددى مەسىلىلەرنى بىرگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

دېھقانلارنى يەر زېمىنىدىن مەجبۇرى كۆچۈرۈش خىتاي بويىچە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن پۇقرالار ئارىسىدا بىر قاتار توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان. ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا گۇاڭدوڭنىڭ شيەنۋېي كەنتىدە دىھقانلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا يەر زىمىن مەسىلىسىدىن توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ ئاز دېگەندە 3 كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەر زىمىن تالاش - تارتىشىدىن مۇستەسنا رايون ئەمەس. خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بېرى ئاقسۇنىڭ يېڭى بازار رايونىدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆي ماكانلىرىنى چىقىپ تاشلاشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە پۇقرالار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا يەر زىمىن ماجىراسىدىن كېلىپ چىققان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ باقمىدى. (ئەركىن)