خىتاي دېھقانلار يەر - زېمىن داۋاسىدا ھۆكۈمەتنى يەڭدى


2005.07.21

خىتاينىڭ خېبېي ئۆلكىسىدە پۇقرالار بىلەن دائىرىلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشقا سەۋەبچى بولغان يەر- زېمىن داۋاسىدا دېھقانلار غەلىبە قىلدى.

خېبېينىڭ دىڭجۇ شەھرى شۈنيۆ كەنتىدىكى دېھقانلار بىلەن شۇ جايدىكى دائىرىلەر ئوتتۇرىسىدا 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى يۈز بەرگەن توقۇنۇشنىڭ سىنئالغۇسى، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا قويۇلغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. توقۇنۇش شۇ جايدىكى بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسى شۈنيۆ كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئىشلىتىپ ھەققىنى تولۇق بەرمىگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان. بۇ 11 ئىيۇندىكى زور كۆلەملىك توقۇنۇشنى پەيدا قىلغان بولۇپ، 31 كىشى دائىرىلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە دائىرىلەر دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچكەن. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت زۇۋانى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى " دۆلەتنىڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جايدا نوپۇس كۆپ يەر ئاز بولۇش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، خېبېي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە باۋدىڭ شەھىرى دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئىشلىتمەسلىكنى قارار قىلدى،" دەپ خەۋەر بەردى.

بۇ ئارىدا "نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى" نىڭ ئاشكارىلىشىچە، شەرقىي جېجاڭدا دېھقانلار مۇھىتنى بۇلغىغانلىقى سەۋەبىدىن مەزكۇر رايوندىكى بىر دورا زاۋۇتىنى ئىشتىن توختاشقا مەجبۇر قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.