خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى جاۋ زىياڭنىڭ مىيىتى بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمىغا، خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن پىكىر ئىختىلابى بار ئۆكتىچىلەرنىڭ قاتنىشىشىنى چەكلەنگەن.
خوڭكوڭدىكى خىتاي دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۆكتىچى زاتلارنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىشىنى توسىغان. برىتانىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتى ب ب س، تيەن ئەنمىن ۋەقەسىنى ئاقلاشنى تەلەپ قىلغان جاڭ يەنيوڭ، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قوللىغان خىتاي يازغۇچى ليۇ شاۋبو، تيەن ئەنمىندىكى ئانىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى دىڭ زىلىنلارنىڭ ۋىدالىشىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى چەكلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خىتاي دىموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى، دائىرىلەرنىڭ1989 -يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋاڭ دەننىڭ ئانىسى ۋاڭ لىڭيۈننىڭ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت ئىشخانىسى پەيشەنبە كۈنى، جاۋ زىياڭنىڭ مىيىتى بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمى شەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا، بېيجىڭدىكى با باۋشەن قۇربانلار قەۋرىستانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكالىدى. مەركىزى كومىتېت ئىشخانىسى باياناتىدا جاۋ زىياڭنى "يولداش" دەپ ئاتىغان. مۇراسىمنىڭ دەرىجىسى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىملاردىن بىر دەرىجە تۆۋەن بولۇشى مۈمكىن. چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ قاتنىشىشى چەكلەنگەن مۇراسىمغا، جاۋ زىياڭنىڭ ئۇرۇق - تۇققانلىرى، يار - بۇرادەرلىرى بولۇپ 1500 دىن 2000 غىچە كىشى قاتنىشىدىكەن. (ئەركىن)