خىتاي جاۋ زىياڭنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا ئۆكتىچىلەرنى كىرگۈزمىدى
2005.01.19
خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى جاۋزىياڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۆتكۈزگەن ماتەم مۇراسىمىغا سىرتتىكىلەرنىڭ كىرىشىنى چەكلەپ، بولۇپمۇ ئۆكتىچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ئۇ يەرگە يېقىن كەلتۈرمىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا،1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن قانلىق ۋەقەسىدە ئوغلىدىن ئايرىلغان دىڭ زىلىن خانىم مەزكۈر ئاگېنتلىققا، پۇقراچە كىيىنگەن بىر نەچچە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنى ئۆيدىن تالاغا چىقماسلىققا ھەمدە مۇخبىرلارنى قوبۇل قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ ئارىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر جاۋ زىياڭنىڭ ئۆلۈمىگە تەزىيە بىلدۈرۈشكە باشلىدى. ئامېرىكا ئاق ساراي سەيشەنبە كۈنى جاۋ زىياڭغا يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا ئىگە "ھەققانىي، غورۇرلۇق" كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى مىخائىل گورباچېۋ ئەنگلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ جاۋ زىياڭنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. شۇنداقلا ئۇ ئىلگىرى جاۋ زىياڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ ھەتتا "سوتسىيالىستىك دۆلەت بىر پارتىيىلىك تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمنى ئورنىتىشى كېرەكمۇ-يوق" دېگەن تېمىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى. (پەرىدە )