جاۋ زىياڭنىڭ ماتەم مۇراسىمى مەسىلىسى تېخى ھەل بولمىدى


2005.01.24

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى جاۋ زىياڭ ۋاپات بولغىلى بىر ھەپتە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ جەسەت كۈلىنى نەگە قويۇش ۋە تەرجىمالىنى قانداق يېزىش مەسىلىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن جاۋ زىياڭنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تېخىچە بىر پىكىرگە كېلەلمىدى.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى جاۋ زىياڭ 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرۇشقا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى شۇندىن بېرى ئۆيىدە نەزەربەنت ئاستىغا ئالغان ئىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋ زىياڭنىڭ جەسەت كۈلىنى، باشقا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ جەسەت كۈلىنى قويىدىغان باباۋشەن ئىنقىلابى قەبرىستانلىقىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىگە قويۇشنى رەت قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە جاۋ زىياڭنىڭ جەسىتىنى ئۇزىتىش تىزىستىغا " جاۋزىياڭ 1989 - يىلى ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەن" دەپ يېزىشتا چىڭ تۇرغان. ھالبۇكى جاۋ زىياڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى قۇبۇل قىلمىغان. شۇڭا، جاۋ زىياڭنىڭ ماتەم مۇراسىمى قاچان ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى تېخى بېكىتىلمىگەن.

بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋ زىياڭغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى پىلانلىغان خىتايدىكى بىر نەچچە پائالىيەتچىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، بەزىلىرىنى ئۆيىدە نەزەربەنت ئاستىغا ئالغان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.