بېيجىڭ، جاۋ زىياڭنى دەپنە قىلىش پائالىيەتلىرىنى جىددى كونترول قىلماقتا


2005-01-25
Share

بېيجىڭ دائىرىلىرى، جاۋ زىياڭنىڭ جەسىتىنى دەپنە قىلىش مۇراسىملىرىنى كونترول قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ھەتتا جاۋ زىياڭنىڭ قوروسىغا قويۇلغان گۈل - چەمبىرەكلەرنى ئېلىپ كەتكەن.

سەيشەنبە كۈنى، ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو -تېلېۋىزىيە شىركىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭ پۇقراسى خۇ جيا: "ھۆكۈمەت خەلقنىڭ رايىنى باستۇرۇپ، دۆلەت تېررورچىلىقى يۈرگىزىۋاتىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.

ئوخشاشلا ب ب س مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئىلگىرى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلىگەن مەشھۇر مۇتەخەسسىس جاۋ گۇئوياۋ مۇنداق دىگەن : "خىتاي دائىرىلىرى دەپنە مۇراسىمى مەزگىلىدە بۇنداق ھەرىكەتلەردە بولماسلىقى كېرەك، بۇ خىل خاتا يەكۈندىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن تارىخىي خاتالىقلار يەنە تەكرارلىنىپ قېلىشى مۇمكىن".

كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ مەقسىتى، دەپنە ئىشلىرىدا قەستەن بىر خىل سوغۇقلۇق پەيدا قىلىپ، جاۋ زىياڭ جامائىتىنىڭ ئاخىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ئاستىدا مۇراسىم ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.

ھۆكۈمەت دەپىنە نۇتقىدا، ئۇنىڭ 89 - يىلى تەنئەنمىن ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلەشنى ئوتتۇرىغاقويغان بولۇپ، جاۋ زىياڭنىڭ يېقىنلىرىدىن بىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، جاۋ زىياڭ ھايات چېغىدا ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئۈستىدىن بېكىتكەن بۇ جىنايەتنى ھېچقاچان قوبۇل قىلمىغان، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەگەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دەپىنە نۇتقىدا بۇ سۆزنى تەكرارلىسا، بۇ چوڭ ھاقارەت ھېسابلىنىدىكەن. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت