3 تەرەپنىڭ پىكرى 3 خىل

مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىر خىتاي جامائىتى ئارىسىدا "كوممۇنىست پارتىيىگە باھا" ئېلان قىلىش، "كوممۇنىست پارتىيە بىلەن ۋىدالىشىش" دېگەن پائالىيەت ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بولسا خەلقئارادىكى بۇ مەزمۇنلارنى خەلقتىن يوشۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارشى ھالدا "كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى" دېگەن ھەرىكەتنى قوزغاۋاتىدۇ. مۇشۇ كۈنلەردە، خىتاينىڭ 80 - يىللاردىكى باش مىنىستىرى، باش شۇجىئىسى، 15 يىلدىن بۇيان نەزەربەنتتە تۇرىۋاتقان جاۋزىياڭ ئەپەندى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، خىتاي خەلقى ئىچىدە باھا بېرىش، خاتىرىلەش، ئۆلۈمىنى ئۇزۇتۇش پائالىيىتى داۋاملاشماقتا.

خۇ جىنتاۋنىڭ جاۋ زىياڭ مەسىلىسىدىكى تاكتىكىسىنى

لىن باۋخۇئا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، جاۋ زىياڭ ئەپەندى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ۋاپات بولۇشتىن بىرنەچچە كۈن بۇرۇن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى خوڭكوڭدىكى مەتبۇئاتلار ئارقىلىق جاۋ زىياڭنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى توغرىسىدا بىر خەۋەر ئېلان قىلىپ، ھاۋا رايىنى سىنايدىغان بۇ "شار" ئارقىلىق ۋەزىيەتنى كۈزەتتى.

جاۋ زىياڭ راستىنلا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، خىتايدا بۇرۇن تەييارلاپ قويۇلغان "چاڭچىلە" لەر ئاز - تولا ئۆزگەرتىلىپلا سەھنىگە ئېلىپ چىقىلماقتا. مەلۇم بولىۋاتىدۇكى، خەلق ئارىسىدا ھازا تۇتۇش - خاتىرىلەش ۋە ئەركىن پىكىر بايان قىلىپ جاۋ زىياڭغا باھا بېرىش پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقاندا، ھازىرقى دۆلەت رەئىسى، پارتىيىنىڭ سېكرىتارى خۇ جنتاۋ ئەپەندى بۇرۇنقىدەك دېڭ شاۋپىڭچە، جاڭ زېمىنچە ئىش كۆرۈپ خەلقنى قوراللىق باستۇرماي ياكى ئاشكارا تۇتقۇن قىلماي، بەلكى جىم تۇرىۋېلىش ياكى مەلۇم دەرىجىدە مۇرەسسىگە كېلىش، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە سىزىقىدىن ھەرگىز چىكىنمەسلىك تاكتىكىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ.

جاۋ زىياڭنىڭ "شىنخۇا ئاگېنتلىقى" بۇنىڭغا ماسلىشىپ جاۋ زىياڭنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە 56 خەتلىك خەۋەر ئېلان قىلدى، ئەمما جاۋ زىياڭنىڭ بۇرۇن پارتىيىنىڭ باش شۇجىسى، باش مىنىسىتىر بولغانلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلمىدى، ئۇنىڭ گۇنايى نېمە، نەتىجىلىرى نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ ھېچنىمە دېمىدى.

يېقىندىن بۇيان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جاۋ زىياڭنىڭ ئائىلە - تەۋەلىرىنىڭ ھازا تۇتۇش-خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى چەكلىمىگەنلىكىنى جاكالاۋاتىدۇ. ھەتتا ئۇچۇق مەتبۇئات يۈزىدە ئەمەس، پەقەت ئىنتېرنېت ئارقىلىق "خىتاي رەھبەرلىرى جاۋ زىياڭنى دوختۇرخانىغا بېرىپ يۇشۇرۇن ھالدا يوقلىدى" دېگەن خەۋەرلەرنىمۇ تارقىتىپ تۇردى. ئەمما جاۋ زىياڭنىڭ تۇنۇش -بىلىشلىرى ۋە ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىدىغان باشقا كىشىلەرنىڭ پائالىيىتىنى "تىزىمغا ئالدۇرۇش" دېگەن نام بىلەن قاتتىق چەكلىدى. ئۇلارنى باشقىچە ئۇسۇل بىلەن نەزەربەنتكە ئالماقتا.

لىن باۋخۇئا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، جاۋ زىياڭنى باۋباۋسەندىكى "ئىنقىلابى قۇربانلار قەۋرىستانلىقى"غا دەپىن قىلىش -قىلماسلىق بىلەن خەلقنىڭ ئانچە كارى يوق. ئەمەلىيەتتە ئۇ جاي خەلقنىڭ نەزىرىدە "ئەڭ چوڭ جىن - شەيتانلار توپلانغان جاي". خەلققە پەقەت جاۋ زىياڭ كىم ئىدى، ئۇ نېمە ئۈچۈن 1989 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تىئەنئەنمېن مەيدانىدا دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى قوراللىق باستۇرغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ۋە نېمە ئۈچۈن شۇنىڭدىن كېيىنكى 15 يىلدىن بۇيان نەزەربەنت ئاستىدا تۇردى، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەيدۇ؟ دېگەن سۇئالارغا جاۋاب كېرەك. ئەمما ھازىرچە كوممۇنىست پارتىيە بۇ مەسىلىدە جىم تۇرىۋالدى.

دۆلەت قانۇنىنى قايرىپ قويۇپ شەخسى جازا بېرەلەيدىغان قانداق كىم -ئۇ؟

"خەۋەرلەر مەجمۇئەسى" دە بايان قىلىنىشىچە، جاۋ گوبىئاۋ ئەپەندى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ماقالە ئېلان قىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق سۇئال قويغان: جاۋزىياڭ 15 يىلدىن بۇيان نەزەربەندتە تۇرۇپ ئۆلدى. جوڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنىدا ياكى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ قايسى ماددىسىدا "نەزەربەنت" كە ئېلىش دېگەن جازا شەكلى بار؟ مىنىڭ بىلىشىمچە، بىر دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرى ياكى باشقا ھەر قانداق بىر پۇخرانى دۆلەتنىڭ ئاشكارا قانۇنىدىن ھالقىپ چىقىپ ئۆز مەيلىچە قانۇندا يوق، ئۇ چۇقۇم شەخسى جازا بېرەلەيدىغان قانداق پارتىيە ۋە ياكى قانداق شەخسكەن ئۇ؟ مەدەنىيەتلىك ئەللەردە سىياسى بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايەت ئەمەس

مەدەنىيەتلىك ئەللەردە سىياسى بىلەن شۇغۇللىنىش، ئۆز ئارزۇسى بويىچە پىكىر بايان قىلىش ھەربىر پۇخرانىڭ دەخل-تەرىز قىلىنمايدىغان ئەركىنلىكى - دەيدۇ جاۋ گوبياۋ ئەپەندى ، - سىياسى بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايەت ئەمەس. ئەمما خىتايدا ھازىرغا قەدەر "سىياسى جىنايەت" دەپ جازالانغان ھېسابسىز ئادەم بار، بۇنىڭ ھەممىسى ناھەق دېلو. خىتايدا مەھبۇسلارنى قىيىن - قىستاققا ئالدىغان ۋەھشى ھەركەتلەرمۇ مەۋجۇت. سىياسىنى قانۇننىڭ ئۈستىگە قويۇش ھەممىلا جايدا بار. دۆلەتنىڭ قانۇنىغا بوي سۇنماي ئۆزلىرى خاھلىغانچە سىياسەت بەلگىلەپ خەلققە زورلۇق-زۇمبۇلۇق قىلىۋىئېرىدىغان ، مەدەنىيەتسىز، قانۇنسىز شەخسلەر نىمە ئۈچۈن تېخىچە مەۋجۇت ؟ خۇجىنتاۋنىڭ "دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش" دېگىنى شۇمۇ؟

جوڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنىدىكى "پۇخرالارنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى بار" دېگەن ماددىغا ئاساسەن سۆزلەۋائىتمەن، - دەيدۇ جاۋگوبىئاۋ ئەپەندى، - 2004 - يىلى 9 - َئاينىڭ 2 - كۈنى "بېيجىڭ گېزىتى" نىڭ باش بېتىدە رەئىس خۇ جىنتاۋ "دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش" نى جاكالىغان ئىدى. مەن ئەركىن پىكىر بايان قىلدىم. مىنىڭ مەكتەپتە دەرس بېرىش ھۇقۇقۇم ئېلىپ تاشلاندى. 2004 - يىلى 12 -ئايدا "پارتىيە مەركىزى كومىتېتى جەمىيەتكە ماسلىشىشى كېرەك" دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، شۇ كۈنى كېچىدە لىئۇشاۋبو، يۈجې، جاڭ زۇخۇئا قاتارلىق كىشىلەرنى تۇتقىن قىلىپ پارتىيە بىلەن سىياسى كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر تۇتۇپ كېتىلدى. 2005 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 كۈنى خۇجىنتاۋ "بېيجىڭ گېزىتى" دە "پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش" دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مەركىزى كومىتىتا ھەتتا "رەھبەرلەر شەخسى مۈلۈكلىئىرنى تىزىمغا ئالدۇرۇش" دېگەن مەسىلىدىمۇ قارار ماقۇللانمىدى. بۇ قانداق ئىلغارلىق. خۇجىنتاۋنىڭ جاكالىغان سۆزى ئەمىلىيەتتە مۇشۇنداق ئىجرا قىلىنامدۇ؟ خۇجىنتاۋنىڭ "دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش" دېگىنى شۇمۇ؟ (ۋەلى)