جاۋ زىياڭنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ۋاقتى تېخىچە بېكىتىلمىدى

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى جاۋ زىياڭنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى قاچان ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى تېخىچە بېكىتىلمىگەن. 1989 - يىلدىن بېرى ئائىلە نەزەربەنتىدە ياشاپ كېلىۋاتقان جاۋ زىياڭ، 10 كۈننىڭ ئالدىدىكى بېيجىڭدىكى ئۆيىدە ۋاپات بولغان.

بىراق باش شتابى خوڭكوڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، جاۋ زىياڭنىڭ قىزى ۋاڭ يوڭنەن دادىسىنىڭ مىيىتىنى ئۇزۇتۇش مۇراسىمىنىڭ ۋاقتى تېخىچە بېكىتىلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. جاۋ زىياڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، جاۋنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. بىراق جاۋ زىياڭنىڭ دەپنە مۇراسىمى نۇرغۇن مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقاشقانلىقتىن تېخىچە قارار قىلىنمىغان.خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈشكە قارشى چىققان.

كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جاۋ زىيانىڭ قىزى دەپنە مۇراسىمى ھەققىدىكى ئىختىلاپلار توغرىسىدا تەپسىلى توختىلىشنىڭ قولايسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى جاۋ زىياڭنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى "پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى" دەرىجىسىدە ئۆتكۈزۈشنى خالىمىغان بولسىمۇ بىراق، جاۋنىڭ مەسىلىسى پارتىيە ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقىنى سەۋەپ قىلىپ، جاۋ زىياڭ ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى سىرتتىكىلەرگە ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزى، جاۋ زىياڭنىڭ ئائىلىسى كومپارتىيە دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.(ئەركىن)