جاۋ زىياڭنىڭ جەسىتى بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمى شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى جاۋ زىياڭنىڭ جەسىتى بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمىنى شەنبە كۈنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، مۇراسىمغا خىتاينىڭ قايسى رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى ۋە جاۋ زىياڭنىڭ ھاياتىغا قانداق باھا بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جاۋ زىياڭنىڭ جەسىتى بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمى شەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا، خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى دەپنە قىلىنىدىغان بېيجىڭدىكى باباۋشەن قەۋرىستانلىقىدا ئۆتكۈزىلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، مەزكۇر مۇراسىمنىڭ پەقەت ئاددىي جەسەت بىلەن ۋىدالىشىش پائالىيىتى بولىدىغانلىقىنى، رەسمىي دۆلەت دەپنە مۇراسىمى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى جاۋ زىياڭ 17 - يانۋار كۈنى، بېيجىڭدىكى بىر دوختۇرخانىدا، 85 يېشىدا ۋاپات بولغان. بۇنىڭ ئالدىدا، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 15 يىل ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان .

خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، جاۋ زىياڭنىڭ 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا نارازى بولۇپ، ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان ئىدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، جاۋ زىياڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتا نامايىشچىلارغا ھېسداشلىق قىلىپ نۇتۇق سۆزلىگەنلىكىنى ئېغىر سىياسىي خاتالىق دەپ تونۇيدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، خوڭكوڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرىشىچە، تەخمىنەن مىڭدەك كىشى جاۋ زىياڭنىڭ جەسىتى بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى پىلانلىماقتا. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇراسىمغا قاتنىشىدىغانلارنى ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي ھۆكۈمىتى تەستىقلايدىغان بولۇپ، مۇراسىمغا قاتنىشىشنى خالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قاتنىشالىشى ناتايىن ئىكەن. (ئارزۇ)