مەركىزى نيو-يوركتىكى خىتاي خەلق ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆكتىچى شۈ چېڭچىڭ بىلەن شاڭخەيلىك 22 كىشىنىڭ، جاۋ زىياڭنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش سەۋەبى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ كىشىلەر، جاڭ زىياڭنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئالدىدا، قولغا ئېلىنىپ شاڭخەيگە قاراپ ماڭغان پويىزدا ياللاپ ئېلىپ كېتىلگەن.
خىتاي خەلق ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى، شۈ جېڭچىڭنىڭ شاڭخەيدە ئېلىپ بېرىلغان مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ھەرىكىتىگە قارشى چىققان، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى تەشەببۈس قىلغان نەچچە يۈز كىشىنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ جاۋ زىياڭنىڭ ئۆلۈمىگە تەزىيە بىلدۈرۈش ئارزۇسىنىڭ گۇناھ ھىساپلانمايدىغانلىقىنى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ ئېيتىشىچە، شۈ چېڭچىڭ ساقچىنىڭ شاڭخەيگە قايتۇرۇش تەلىۋىنى رەت قىلغانلىقى ۋە "جاۋ زىياڭنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىشنىڭ نېمە گۇناھى بار؟" دېگەنلىكى ئۈچۈن، ساقچىلار ئۇنى قاتتىق ئۇرۇپ، باش كۆزىنى ئىشىتىۋەتكەن. (ئەقىدە)