خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋ زىياڭنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى چەكلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئۆلگەن، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرېتارى جاۋ زىياڭنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر يېغىننى چەكلەپ، بۇ يېغىننى تەشكىللىگەنلەرنىڭ بىرىنى تۇتۇپ نەچچىلىگەن پائالىيەتچىنى نەزەربەنتكە ئالغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدا خىتايدىكى ئاتاقلىق ئۆكتىچى ئادۋۇكات گاۋ جېشىڭ ۋە تيەنئەنمىندىكى باستۇرۇش جەريانىدا ھەر ئىككى پۇتىدىن ئايرىلغان چى جىيۇڭ قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى 9 ‏- يانۋار كۈنى ئۆتكەن يىلى 17 ‏- يانۋار كۈنى ئۆلگەن جاۋزىياڭنىڭ ئۆلۈمىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، خاتىرىلەش پائالىيىتىنى تەشكىللىگەنلەرنىڭ بىرى بولغان لى جىنپىڭنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ، ئۇ يەردىن جاۋ زىياڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ ئايالى بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلىغان.

ئەمما خىتاي ساقچىلىرى يەكشەنبە كۈنى لى جىنپىڭنى تۇتۇپ كەتكەن ھەمدە ئاز دېگەندە يەنە بەش پائالىيەتچىنى نەزەربەنتكە ئالغان. شۇنداقلا 10 ئەتراپىدا ساقچى جاۋ زىياڭنىڭ ئۆيىنى قورشاپ كىشىلەرنىڭ ئۆيگە كىرىشىگە رۇخسەت بەرمىگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتايدا نۇرغۇن كىشىلەر جاۋ زىياڭنى خەلق قەھرىمانى دەپ قارايدۇ، شۇڭا خىتاي رەھبەرلىرى، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ جاۋ زىياڭدىن خەلقنى ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغاش ئۈچۈن بىر سىمۋول سۈپىتىدە پايدىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن. خىتاي رەھبەرلىرى جاۋ زىياڭ ئۆلگەن ۋاقتىدا خەلقنىڭ ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىدى. (قانات)