تەيۋەندىكى جوڭخۇا مىنگو مىللىي قۇرۇلتىيى تارقىتىۋېتىلدى


2005.06.07

1949 - يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بىللە تەيۋەنگە قېچىپ بارغان جوڭخۇا مىنگو مىللىي قۇرۇلتىيى، سەيشەنبە كۈنى ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى ماقۇللاپ، 1949 - يىلدىن بېرى پۈتۈن خىتايغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مەزكۇر ئورگاننىڭ تارقالغانلىقىنى جاكارلىدى.

جوڭخۇا مىنگو مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ 1946 - يىلدىكى يىغىنىغا ئەھمەتجان قاسىمى، مەسئۇد سابىرى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، خادىۋاڭ قاتارلىق ۋەكىللەر شەرقىي تۈركىستانغا ۋاكالاتەن قاتناشقان ئىدى.

مەزكۇر قۇرۇلتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 1949 - يىلدىكى مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن تەيۋەنگە يۆتكەلگەن. ئەمما مەزكۇر ئورگاننىڭ ھازىرغا قەدەر 2000 ئەزاسى بولۇپ، خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلارغا ۋەكىللىك قىلاتتى.

ئەينى چاغدىكى قۇمۇل ۋالىسى يولۋاسبەگ قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ جوڭخۇا مىنگو مىللىي قۇرۇلتىيىدىكى ۋەكىلى ئىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىن مىللىي قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرقى قېتىم توپلىنىشى بولۇپ قالىدۇ. تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن، ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ 1 - باسقۇچى ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. چېن شۈيبيەننىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئىچىدە تەيۋەننىڭ ئەھۋالىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئاساسى قانۇن تۈزۈپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

ئەمما چېن شۈيبيەننىڭ ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەرىكىتى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىماقتا. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى چېن شۈبيەننىڭ ھەركىتىنى تەيۋەن مۇستەقىللىقىنىڭ قانۇنى ئاساسىنى يارىتىش، دەپ ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.