فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى چىڭخەيدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا نۆۋەتتە خىتايلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش كەسكىن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشمۇ ئەۋج ئالماقتا.
مۇخبىرنىڭ مىسال قىلىپ كۆرسىتىشىچە، چىڭخەينىڭ جىياڭزا كەنتىدە ئۆتكەن يىلى ئىككىنچى ئايدا تۇڭگانلار بىلەن تىبەتلەر ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. بىر نەچچە تۇڭگان بىليارد ئويناپ بىر تىبەتلىك بىلەن جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. نەتىجىدە پۈتۈن كەنتتىكى تىبەتلەر قوزغۇلۇپ، تۇڭگانلارنىڭ ئاشخانىلىرىغا ھوجۇم قىلغان. ۋەقەدە نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان. 10 تۇڭگان قولغا ئېلىنغان. شۇندىن بويان جىياڭزا كەنتىدە تۇڭگانلار بىلەن تىبەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك داۋاملاشماقتا.
مۇخبىرنىڭ يەنە كۆرسىتىشىچە، بۇنداق مىللىي توقۇنۇشلار جىياڭزادىلا بولۇپ قالماستىن، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ مەۋجۈت بولۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار ئوتتۇرىسىدىمۇ ئىختىلابلار بار ئىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئوتتۇرىغا قويىشىچە، ئەسىرلەردىن بويان ئۆز- ئارا ئىناق ياشاۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتلەرنىڭ ئەۋج ئېلىشى كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئەھۋال ئىكەن. چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر كۈزەتكۈچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مىللەتلەرنى بۆلۈپ باشقۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، مىللىي زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىپلىمەكتە. (ئارزۇ)