يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا دىپلوماتىك ئەمەلدارى خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ


2004.09.10

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەمېس كېلىي ، يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، رايون ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بېيجىڭنى زىيارەت قىلىدۇ.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى, جەمېس كېلىينىڭ يەكشەنبە كۈنى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بىراق ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ كونكىرىت كۈنتەرتىپىنى تىلغا ئالمىغان . ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى، جەمېس كېلىينىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى ، رايون ۋە يەر شارى خارەكتىرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىدىغانلىقىنى ، ئامما جەمېس كېلىينىڭ شىمالى كورىيە يادرو كرىزىسى ، كېلەركى قېتىملىق 6 تەرەپ سۆھبىتىنىڭ قاچان ۋە قەيەردە ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغان - بارمايدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەن .

خىتاينىڭ ساھىپخانلىقىدىكى شىمالى كورىيە يادرو كرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلگىرىكى سۆھبەتلەرگە روسىيەمۇ ئىشتىراك قىلغان ئىدى بىراق ھازىرغىچە بۇ سۆھبەت كۆزگە كۆرىنەرلىك بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى . بۇ ئارىدا شىنخۋا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، لى چاڭچۈن باشچىلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى شىمالى كورىيەنى زىيارەت قىلغان . .خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى كوڭچۈەن ، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يادرو كرىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە شىمالى كورىيە تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.