خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جېنچاۋ، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روزا ئوتانبايىۋانىڭ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىي جاۋشىڭنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن 10 - مايدىن 13 - مايغىچە خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
بۇ قىرغىزىستاندا ئاقايېف ھاكىمىيىتى گۇمران بولغاندىن كېيىن، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرىنىڭ خىتايغا قىلغان تۇنجى زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىزىستان بىلەن ھەم شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ھەمدە بىۋاستە يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بىلەن ئاقايېف ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇنلىغان مەخپىي كېلىشىملەر ئىمزالانغان بولۇپ، بۇ كىلىشىملەرنىڭ بىر قىسمى قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .
يەنە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقايېف ھاكىمىيىتى بىلەن قۇرغان يېقىن مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن، قىرغىزىستاندا 24 - مارت كۈنى يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشتىن ۋە ئاقايېف ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلىشىدىن ئەڭ كۆپ ئەندىشىلەنگەن دۆلەت خىتاي ئىكەن .
قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روزا ئوتانبايۋا، -24 مارت كۈنى ئاقايېف ھاكىمىيىتىگە قارشى باشلىغان قوزغىلاڭغا يىتەكچىلىك قىلغان قىرغىز رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (قانات)