خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىلنىڭ باشلىرى ئاسىيادا 27 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ چوشقىدا بايقالغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، خىتاي يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى خاربىن ھايۋاناتلار تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن خۋا لەن، بېيجىڭدا چاقىرىلغان سارس ۋە قۇش زۇكىمى توغرىسىدىكى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ 2003 ۋە 2004 - يىللىرى باقمىچىلىق مەيدانىدىكى چوشقىلاردا H5N1 تىپلىق قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
خىتاينىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى باياناتىدا گەرچە چېن خۇالەننىڭ دوكلاتىغا ئوچۇق رەددىيە بەرمىگەن بولسىمۇ ، بىراق يېقىندا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۆي قۇشلىرى ۋە چوشقىلاردىن ئۈلگە ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، چوشقىدا قۇش زۇكىمى ۋىروسىنىڭ بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار، ئىنسانلاردا بولىدىغان زۇكام بىلەن ئۆي قۇشلىرىدا بولىدىغان زۇكام ۋىروسىنىڭ چوشقا تېنىدە بىرىكىپ، ئادەملەرگە تېخىمۇ ئاسان يۇقىدىغان يېڭى بىر خىل ۋىرۇس شەكىللىنىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونى ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارلىرى، بۇ ئارىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقاشلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، بۇ مەسىلىنى ئوچۇق ئاشكارا مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىردى.
مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئاسىيادا كەڭ تارقالغان قۇش زۇكۇمى كىيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە يەنە تارقىلىشى مۇمكىن ئىكەن. (ئارزۇ)