دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جۈمە كۈنى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، قۇش زۇكام ۋىرۇسىنى يوشۇرۇش بۇ ئەجەللىك ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىش ياساش ۋە تارقىلىش ئەھۋالىنى بايقاشنى قىيىنلاشتۇرماقتا، دەپ كۆرسەتتى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارى جۇلىيە خولل قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، " خىتايدا ۋەزىيەت ناھايىتى قالايمىقان شۇنداقلا ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بىر - بىرىگە زىت" دەپ تەكىتلىگەن.
ئۇ، " بىز خىتايدا قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ زادى قانچە تۈرى بارلىقىنى بىلمەيمىز. چۈنكى بىزنىڭ خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بىلەن ئۇچۇر ئالاقىمىز ناھايىتى چەكلىك. بىز ۋىرۇس ئۆلگىسىنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇلار بەرمىدى،" دەيدۇ. خوڭكوڭ ۋە ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينى يېڭى تۈردىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ،خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بۇنى رەت قىلدى. خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىنى" تولۇق پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانمىغان " دەپ كۆرسەتتى.
لېكىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكى جۇلىيە خوللنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر يېڭى تۈردىكى ۋىرۇس توغرىسىدا سۆز قىلمىغان. ئۇ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاينى شەكلى ئۆزگىرىپ بەرداشلىق بېرىش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ۋىرۇس توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)